«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.
Author: پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بىرىدۇ.
Author: ھەسسان ئىبنى سابىت
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296
«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 1600 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
Author: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مېركامىلجان قەشقەرى
Publisher: ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
Author: شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org