مۇتتەقىيلەر سەيلىگاھى «ياخشىلار باغچىسى» نىڭ شەرھى ناملىق بۇ ئەسەر بىر گۇرۇپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن شەرھىلەنگەن بولۇپ، كىتاب ئۆزىنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلمى قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەممىگە مەلۇم.
Author: شەيخ مۇستەپا بەغا - شەيخ مۇھەممەد ئەمىن لۇتپى - شەيخ ئەلى شەربىجى - شەيخ مۇھيىددىن مەستۇ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source: http://www.islamhouse.com/p/2292
ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Author: مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى - سابىرجان
Translators: مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.
Author: پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296
«قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى» بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈنجى يۇز كۆرۇشكەن قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قۇرئان ئىلىملىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
Publisher: پادىشاھ پەھەدنىڭ قۇرئان كەرىم بېسىپ تارقىتىش ئورگىنى
Source: http://www.islamhouse.com/p/1501